ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ئاۋسترىيە ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بەردى
2014-12-04 11:34:09

ئاۋسترىيە ساقچى دائىرىلىرى 28-نويابىر ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلات قوبۇل قىلغان گۇماندارلارنى كەڭ كۆلەمدە ئاختۇرۇپ، 13 ئادەمنى قولغا ئالدى.


بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ماسلاشقان تەپتىش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئۇلار ياشلارنى قوبۇل قىلىپ سۇرىيەگە ئۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ، بىز ئۇلارنى تەكشۈرۈۋاتقانغا ئىككى يىل بولدى.

دائىرىلەر 28-نويابىر تەخمىنەن 900 ساقچى ئىشقا سېلىپ، پايتەخت ۋېنا، گراز ۋە لىنز شەھەرلىرىنى ئاختۇردى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاساسلىق گۇماندار، بوسنىيەلىك بىر دىن تارقاتقۇچىنى قولغا چۈشكەن. ئۇندىن باشقا ئاۋسترىيەدە چىقىدىغان «خان تاجى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسكەر قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە گۇماندار يەنىلا ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە مەبلەغ ياردەم بەرگەن دەپ گۇمان قىلىنغان.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش