ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
ھىندىستاندا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن پويىز سوقۇلۇپ كەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2014-12-05 02:01:16


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك ئاخبارات گېزىتى" نىڭ 4-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىدا بىر مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ بەش ئوقۇغۇچى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى يارىلانغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدى.


ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى ئەتىگەندە تۇمان سەل كۈچلۈك بولۇپ، قاتناش ۋەقەسىگە ھاۋا رايى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىز يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق.


يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەگە يولۇققان مەكتەپ ئاپتوبۇسىدا 20 دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن.


ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىتاستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 166 مىڭ كىشى بولۇپ، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يوللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شارائىتى ناچار، ئۇندىن باشقا يەنە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش، بىخەستەلىك قىلىش قاتارلىقلار ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

نۇر تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ : Nurhawar

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش