ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
بىنغازىدىكى بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
2015-03-26 09:22:57

جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدە توبروك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 8 كىشى ئۆلدى ۋە 12 كىشى يارىلاندى.
توبروك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىنغازىدىكى قىسىملارنىڭ قۇماندانى فازىل ھاسى، ئاناتولىيە مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ، بىنغازىنىڭ لەيسى رايۇنىدا ئەسكەرلەر تۇرىۋاتقان بىر نوقتىغا بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ۋەقە سادىر قىلغۇچى بىلەن بىرگە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 12 كىشى يارىلاندى، دېدى.
ھاسى، بۇ ۋەقەگە «ئەنسار شەرىيئە» بىلەن «بىنغازى ئىنقىلابچىلار شۇرا مەجلىسى»نى مەسئۇل دەپ قاراپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ بىنغازى ئىنقىلابچىلار شۇرا مەجلىسى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئۇرەيبىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە بېرىلگەن ئىنكاس دەپ قارىدى.
بىنغازى ئىنقىلابچىلار شۇرا مەجلىسى رەھبەرلىرىدىن ۋە «لىۋىيە قالقىنى 2» نىڭ قۇماندانى بولغان ئۇرەيبى، تۈنۈگۈن توبروك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن بولغان تۇقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش