ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھيې قول ئاستىدىكى ئەر بىلەن ئاشنا ئوينىدىمۇ؟
مەنبە : نۇر تورى
2015-03-31 21:24:32


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 31-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە سوت مەھكىمىسى 30-چېسلا ياپونىيىلىك مۇخبىر تاتسۇيا كاتو (Tatsuya Kato) نىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھيې نام-ئابرويىغا زىيان يەتكۈزۈش دېلوسىغا قارىتا سوت ئېچىپ، «يىللار ناملىق» پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن شۇ كۈنى، پارك گۆنھيې ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى كاتىپ ئىشخانا باشلىقى جېن رۈنخۇي (zhèng rùn huì) ئىككىسىنىڭ بىللە بولغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شۇ كۈنى جېن رۈنخۇي بىلەن پارك گۆنھيې ئىككىسىنىڭ بىللە ياكى بىللە ئەمەسلىكى ياكى پارك گۆنھيېنىڭ شۇ كۈنىدىكى خىزمەت كۈن تەرتىپى مەزكۇر دېلونىڭ قىززىق نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى جاۋابكار بىلەن دەۋاگەر ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر مۇخبىرنىڭ قىلمىشى سۆز قىلىش ئەركىنلىك مەسىلىسىگە ماس كېلەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلىدۇر.


كورىيە سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ جېن رۈنخۇي تېلېفۇن پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسى بىلەن «چاۋشىيەن كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى سۈي فامىلىلىكنىڭ سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشى ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى. تاتسۇيا كاتومۇ بۇرۇن خەۋەر يازغاندا سۈي فامىلىلىكنىڭ «چاۋشىيەن كۈندىلىك گېزىتى» گە چىقارغان ماقالىسىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيە «ئىقتىساد ئىشلەپچىقىرىش ئاخبارات گېزىتى» نىڭ سىئول شەھەرلىك تارمىقىنىڭ سابىق نەشىرىيات باشلىقى تاتسۇيا كاتومۇ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى «پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن كۈنى پارك گۆنھيېنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى، كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەن تېمىدا خەۋەر يېزىپ ئېلان قىلدى «يىللار ناملىق» پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن شۇ كۈنى، پارك گۆنھيې ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى كاتىپ ئىشخانا باشلىقى جېن رۈنخۇي بىلەن بىللە ئىدى، دەپ پارك گۆنھيې بىلەن جېن رۈنخۇي ئىككىسىنى ئاشىق-مەشۇق قىلىپ خەۋەر يازدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن كورىيە كونسىرۋاتىپلار تەشكىلاتى «ئەركىن ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىقلار بىرلىشىپ تاتسۇيا كاتومۇ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. تاتسۇيا كاتومۇنىڭ ئادۇۋكاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، چەت ئەللىك ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەت ئۇچۇرلىرىنى خەۋەر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەرز قىلىنىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلىشى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش بولدى.


...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش