ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە سېلىنغان تۇرالغۇلار
مەنبە : نۇر تورى
2015-06-01 13:06:28


جىمىيەن تورى 31-ماي خەۋىرى: ئۆينىڭ ئەگمە تورۇسىدىن تارتىپ ئۆڭكۈر ئىچىگىچە، ياغاچ ئۆيدىن تارتىپ مۇز ئۆيگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەزى كىشىلەر ھەرخىل غەلىتە ئۆيلەردە تۇرىدۇ.


1. ئەنگلىيىنىڭ ئوكىسفورتتىكى بۇ ئۆي تەخمىنەن 7.62 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەينەكتىن ياسالغان ئاكۇلانىڭ ھەيكىلى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ياسالغان بولۇپ، ناگاساكى ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 41 يىللىقىغا ئاتاپ ياسالغان.


2. نىگېرىيىنىڭ ئابۇجادا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئايروپىلان بىلەن بىرىكتۈرۈپ ياسالغان.


3. لىۋاننىڭ شىمالى قىسمىدا يەنە بىر ئۆي بار بولۇپ، بۇنىڭ شەكلى A380 ئايروپىلانىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ.


4. بۇ ئۆي لىۋاندا بولۇپ، بۇ قەدىمكى يۇناننىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوخشىتىلىپ ياسالغان.


5. لىۋاندىكى تۇرالغۇ ئۆي، بۇنىڭ سىرتقى شەكلى مىسىر ئەلېھرامنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپلا قالماستىن ئىچكى قىسمىمۇ مىسر پاسونىدا قىلىپ لايىھىلەنگەن.


6. چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى بۇ ئۆي ئاستى ئۈستىگە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بولۇپ، ئىگىسى 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىغان.


7. فىرانسىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بۇ ئۆي قوياش بىلەن ئاپتۇماتىك ھالدا بەلگىلىك گرادۇس ساقلاپ تۇرالايدىغان بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىللىق، قىس پەسلىدە ئىسسىق، تېمپىراتۇرىسى ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىپ تۇرالايدۇ.


8. جۇڭگونىڭ گۇاڭشىدىكى 38 ياشلىق ئەر ئىشلەمچى بامبۇك ياغىچى ۋە سۇلياۋ خالتا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بۇ ئۆينى ياسىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قولايلىق ئۆيىنى يۈدۈپ مېڭىپ شېنجېن شەھىرىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، ئومۇمىي ماڭغان يولى 736 كىلومېتىر كېلىدۇ.


9. سېربىيىدىكى دېلىنا دەرياسىدا 1968-يىلى بىر توپ ياشلار بۇ غەلىتە ئۆينى ياساپ چىققان.


10. فىرانسىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا ئورمانلارنىڭ ئۈستىگە ياسالغان مۇئەللەق ئۆي.


...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش